ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلاپ تارقىتىلغان ئىشبۇ كارتونلارنى كۆرگىنىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز بىلەن ئەۋلادلىرىڭىزغا كۆرسەتكىنىڭىز، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى قۇتلۇقلايمىز. قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ بىزدىن ۋە سىزدىن رازى بولسۇن.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم 30 قىسىمدىن تەشكىل تاپقان ۋە قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئان يوليورۇقلىرى" ناملىق بۇ كارتونلار ئاللاھنىڭ مۇيەسسەر قىلىشى بىلەن پۈتۈپ چىقتى. بۇ كارتونلارنى ئۆزىڭىز، بالىلىرىڭىز كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ توغرىسى ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ كۆرسىڭىز تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى گەرچە بۇ كارتونلار جەلىپ قىلارلىق تەييارلانغان بولسىمۇ ئويۇنچاقلارغا كۆنۈپ كەتكەن بالىلىرىڭىز دىنى تېمىدىكى كارتونلارنى كۆرۈشنى كۆرگۈسى كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. شۇڭا مۇمكىن قەدەر ئاز-ئازدىن ئەمما ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇ يولدا ماددىي -مەنىۋى جەھەتتىن بىزگە يار-يۆلەك بولۇشىڭىزنى، قولىڭىزدىن كېلىشىچە
بىز بىلەن ھەمدەم بولۇشىڭىزنى، تور بېكىتىمىزنى، تور بېتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى باشقا
مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى، يەتكۈزۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز.
ماددى جەھەتتىن تۆھپە قوشۇشنى خالىسىڭىز پايپال paypal ھېسابى ئارقىلىق ئىئانە قىلالايسىز.
Paypal ھېسابىمىز: paypal.com/cgi-bin/webscr?cmd=_s-xclick&hosted_button_id=ZFCGGX9LRHKS2

بىز تەييارلىغان ماتېرىياللار، بىرەر كىشىنىڭ دىنىمىزنى چۈشىنىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ياشىشىغا ۋەسىلە بولالىسا، مەقسىتىمىزگە يەتكەن بولىمىز.
بۇ ئەپنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كىشىگە يەتكۈزسىڭىز شۇنچە ياخشى!
ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىزدىن بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقلىرىنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى
تور بەت ئادرېسىمىز: ewlat.net
ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com

Loading more stuff…

Hmm…it looks like things are taking a while to load. Try again?

Loading videos…